- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى رۇسىيە-چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى
2019.04.16 15:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 15-چېسلا: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېننىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.
رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 15- ئاپرېل پېسكوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئىسپاتلاشقا بولىدىغىنى شۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىغا ھازىر تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ » دېدى. پېسكوف: بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغىلى بىر مەزگىل بولدى، ئۇچرىشىش ۋاقتى ۋە ئورنى بېكىتىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. نۆۋەتتە تېخى كونكرېت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ، دېدى.
روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 15- ئاپرېل كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، رۇسىيە- چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى بەلكىم يېقىندا رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر