باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 75 مىڭ 200 قېتىم ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىپ، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 10 كادىرغا چارە كۆرگەن

2019.04.18 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 752 مىڭ قېتىم ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىپ، يىپ ئۇچىغا ئاساسەن 364 مىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغان، 72 مىڭ قېتىم خەت-ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن، 138 مىڭ دېلو تۇرغۇزغان، 117 مىڭ كىشىگە چارە كۆرگەن (بۇنىڭ ئىچىدە 98 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن). ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 10 كادىر، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك 1000 كادىر، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 6000 كادىر، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك 17 مىڭ كادىر، ئادەتتىكى 21 مىڭ كادىر ۋە يېزا، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى 73 مىڭ كىشىگە چارە كۆرگەن.

  2019-يىلى 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى «تۆت خىل خاھىش»قا قارىتا نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنى قوللىنىپ، بۇنىڭدىكى 361 مىڭ كىشى (قېتىم)نى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى خىلدىكىسى 242 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، «تۆت خىل خاھىش» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ئومۇمىي ئادەم (قېتىم)نىڭ %66.9ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىككىنچى خىلدىكىسى 90 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %25نى ئىگىلىگەن؛ ئۈچىنچى خىلدىكىسى 16 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %4.3نى ئىگىلىگەن؛ تۆتىنچى خىلدىكىسى 14 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %3.8نى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر