خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-چېسلا جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ زالىدا 5-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە ئىقتىساد يۇقىرى قاتلام سۆھبىتىگە قاتناشقان ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى تارو كونو ۋە بىر قىسىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇھىم قوشنىلار، بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قايتىدىن ئىزىغا چۈشتى ھەمدە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن پىرىنسىپ ئاساسىدا «تارىخنى ئۆرنەك قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» روھى بويىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى