باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەرمان ئىمزالىدى

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2019.04.16 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پەرمان ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش ھازىرلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيەت تەقسىماتى، ئاساسلىق تەدبىرى، خىزمەت تۈزۈمى، ئالدىنى ئېلىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇردى، بۇ قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، جەڭگىۋارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام» ئومۇمىي پىرىنسىپ، مەسئۇلىيەت، ئاساسلىق تەدبىر، خىزمەت تۈزۈمى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئۇرۇش مەزگىلىدە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى، مۇكاپاتلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت سەككىز باب، 94 ماددىغا ئايرىلغان بولۇپ، قىسىملارنىڭ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش، ئارمىيە تۈرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇش ئەندىزىسى ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، «نىزام»دا ھەربىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلاردىكى پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ھەربىي، مەمۇرىي مەسئۇللار قاتارلىقلارنىڭ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى ئىلمىي بېكىتىلىپ، ۋەزىپە تەقسىماتى دەرىجىمۇدەرىجە ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، پارتكوم ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان، سىياسىي-قانۇن تارماقلىرى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان، ئورگانلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كەڭ قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قىسىملارنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى، قورال-ياراغ، ئوق-دورا دېلوسى ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تۈزۈم-تەدبىرلەر تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «دېلودىن كېيىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش» ماددىلىرى كۆپەيتىلىپ ، مەسئۇلىيەت زەنجىرى چىڭىتىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر