باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندا تۇنجى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى

2019.04.16 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىران تاباتاباي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ قۇرغان جۇڭگو تەتقىقات مەركىزى 14- چېسلا تېھراندا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ، ئىران تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر مەركەز بولۇپ، ئۇ جۇڭگونى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان تۇنجى ئاپپارات ھېسابلىنىدۇ.

  يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ساجادپۇر تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىران-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىران ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

  تاباتاباي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ھۈسەيىن سەلىمە مۇنداق دېدى: ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، تاباتاباي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىراندىكى بۇ تۇنجى مەركەزنى، يەنى "جۇڭگو تەتقىقات مەركىزى"نى قۇرۇش بولسا، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە .

  تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بېھزاد شاھخاندېخ 1978- يىلى تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەندە: «تاشنى سىلاپ تۇرپ دەريادىن ئۆتۈش»تىن ئىبارەت ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئىنتايىن ئەمەلىي بولدى، جۇڭگو 40 يىلدا نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، «بۇ بىر مۆجىزىدۇر»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر