- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 59 مىڭ 209غا يەتكەن
ئۇنىڭ ئىچىدىكى 548 نەپەر ئوقۇغۇچى بولسا، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرىگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان
2019.04.18 17:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 59 مىڭ 209 ئادەم تىزىملاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە، بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى 54 مىڭ 65 نەپەر، يەككە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى 5144 نەپەر.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن، بېيجىڭ شەھىرىدە ھازىر جەمئىي 548 ئوقۇغۇچى مۇشۇ تۈر بويىچە ئىلتىماس قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 373گە يەتكەن.
بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك يېڭىچە ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار: سەنئەت تۈرى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى "قوبۇل قىلىش پىدائىيلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش"تەك بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرى 2019- يىلى سەنئەت تۈرى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، "پىدائىيلارنى تەسىس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش"تەك يېڭىچە ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر