خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋتىكى زېلېنسكىي سايلام رىقابىتى باش ئىشتابىدا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئارتىس زېلېنسكىي (كېيىنكى رەت ئوڭدىنبىرىنچى كىشى) ئايالىنى سۆيۈپ قويدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2- نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش پائالىيىتى 21- چېسلا ئاياغلاشتى. بېلەت تاشلاش پونكىتىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ داڭلىق ئارتىسى زېلېنسكىنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، زېلېنسكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىشىدا شۈبھە يوق ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى