باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

2019.04.22 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتى بېينېرس تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ساۋاقداشلارنى جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بېينېرس تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى سىنىپىدىكى 40 نەچچە ئوقۇغۇچى شى جىنپىڭغا خەنزۇچە خەت يېزىپ، شى جىنپىڭنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە شەخسىي قىزىقىشىنى سوراپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ تىل-يېزىقى، مۇزىكىسى ۋە جۇڭگوچە تاماقلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا بېرىپ زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  شى جىنپىڭ بېينېرس تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خېتىڭلارغا رەھمەت، مەن خېتىڭلاردىن سىلەرنىڭ خەنزۇ تىلىغا بولغان قىزىقىشىڭلار ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىڭلارنى ھېس قىلدىم. خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەندە جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن تونۇشقىلى بولىدۇ، شۇنداقلا خەنزۇ تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن دوستلار بىلەنمۇ تونۇشقىلى بولىدۇ. سىلەر خەنزۇچە خەتنى رەتلىك ۋە ئۆلچەملىك يېزىپسىلەر، «ئىنتايىن قالتىس بوپتۇ»! مەن سىلەرنىڭ داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، خەنزۇچە ئۆگىنىشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن كۆپ قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئامېرىكىلىق دوستلار، جۈملىدىن ئامېرىكىلىق ياش دوستلار بىلەن دوست بولدۇم. مېنىڭ خىزمىتىم خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم، لېكىن بەك خۇشال. مەن پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە قاتارلىقلارغا ئىنتايىن قىزىقىمەن، مېنىڭ نۇرغۇن قىزىقىشىم ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىمدىن باشلاپلا يېتىلگەنىدى، ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ياش ئەۋلادلار جۇڭگو- ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى. ساۋاقداشلارنىڭ گۈزەل ۋاقتىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. سىلەرنىڭ پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر