باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-بەھرەين دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ بەھرەين پادىشاھى ھەممادقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ بەھرەيننىڭ باش ۋەزىرى خالىفا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2019.04.19 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-ئاپرېل بەھرەين پادىشاھى ھەممادقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-بەھرەين دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئۆزئارا قوللىشى ۋە چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىش نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم ھالدا ئالغا قاراپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرى قولغا كەلدى. مەن جۇڭگو-بەھرەين مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە پادىشاھ ھەمماد بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-بەھرەين دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشىنىبىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-بەھرەيننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بەھرەيننىڭ باش ۋەزىرى خالىفا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بەھرەين بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. خالىفا تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بەھرەين-جۇڭگو ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر