باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2019-يىللىق پېنسىلۋانىيە داشۆسى ۋالتون سودا شۆيۇەنى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2019.04.22 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق پېنسىلۋانىيە داشۆسى ۋالتون سودا شۆيۇەنى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى ئۈلۈشكۈن ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقانلار جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە داشۆسى ۋالتون سودا شۆيۇەنىنىڭ باشلىقى جېفرى گارېت شۇ كۈندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا سىستېما ۋە ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەلۇم خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، شۇڭا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى تېخىمۇ مۇھىم.

  پېنسىلۋانىيە داشۆسى ۋالتون سودا شۆيۇەنى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە داشۆسى ۋالتون سودا شۆيۇەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 2016-يىلى قۇرغان بولۇپ، ھەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، سودا ساھەسىدىكىلەر ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەلپ قىلىپ كەلدى. بۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭى ئەندىزىسى»بولدى. 4-ئاينىڭ 20-ۋە 21-كۈنلىرى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پەن-تېخنىكا، داۋالاش، خەلقئارا مۇناسىۋەت، مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش، مالىيە-ئىقتىساد، ئۆي-زېمىن قاتارلىق ئالتە ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر