باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىردى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۇنجى پارچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئىسپاتىنى تارقاتتى

2019.04.19 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىرىشى» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە تۇنجى نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئىسپاتىنى تارقاتتى.

  نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، كەسىپكارلار 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە گۇيجۇ قاتارلىق جايلار كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك، مىكرو پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالدىن قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئايرىم قاتنىشىش __ كۆلىمى كىچىكرەك، تىجارەت كىرىمى تۆۋەن، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تىجارەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. بۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر