باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى باھالاش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.22 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى باھالاش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كادىرلارنى باھالاش نىزامى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كادىرلارنى باھالاش − پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. «كادىرلارنى باھالاش نىزامى» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى − كادىرلارنى باھالاشنىڭ قوماندانلىق كالتىكى، شامال يۆنىلىشى، سىلجىتقۇچىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كادىرلارنى تېخىمۇ ياخشى ھالەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىرادە، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت، بىرلىككە كەلگەن قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي ئۆلچەمنى كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈش، ياخشىلىرىنى مۇكاپاتلاش، ناچارلىرىنى جازالاش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، باھالاشنىڭ مەزمۇن كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، باھالاش ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى ياخشىلاپ، باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر