باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەتنىڭ سۇ تېجەش ھەرىكەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى

2035-يىلىغا بارغاندا سۇ بايلىقىنى تېجەش ۋە سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ

2019.04.19 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «دۆلەتنىڭ سۇ تېجەش ھەرىكەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، سۇ تېجەشكە دائىر سىياسەت، قانۇن-نىزام، بازار مېخانىزمى، ئۆلچەم سىستېمىسى مۇكەممەللىشىشكە يۈزلىنىدۇ، 10 مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى، 10 مىڭ يۈەنلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى 2015- يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %23 ۋە %20 تۆۋەنلەيدۇ، كۆلەملىك سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش نىسبىتى %91تىن ئاشىدۇ، سۇ تېجەش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە گەۋدىلىنىدۇ؛ 2022-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى 670 مىليارد كۇب مېتىر ئىچىدە تىزگىنلىنىپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى 700 مىليارد كۇب مېتىر ئىچىدە تىزگىنلىنىپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش ۋە تەكرار پايدىلىنىش دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  «لايىھە»دە ئالتە چوڭ نۇقتىلىق ھەرىكەت ۋە مېخانىزم تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئومۇمىي مىقدارنىڭ سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش»، «يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»، «سانائەتتە سۇ تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش»، «شەھەر-بازارلاردا سۇ تېجەش، زىياننى تۆۋەنلىتىش»، «نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ تېجەش، مەنبەنى ئېچىش»، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش»تىن ئىبارەت ئالتە چوڭ نۇقتىلىق ھەرىكەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مېخانىزم تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، جۈملىدىن سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۇ ئىشلىتىش ئۆلچىمى ئىستاتىستىكىسىنى كۈچەيتىش، سۇ تېجەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇ ھوقۇقى، سۇ بازىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، توختام بويىچە سۇ تېجەشنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر