خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىرىلانكىنىڭ كۆپ يېرىدە 21-چېسلا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 207 ئادەم قازا قىلدى، 470 ئادەم يارىلاندى. جۇڭگونىڭ سىرىلانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى ئىككى جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ھۇجۇمدا قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
شۇ جاي ۋاقتى 21-چېسلا ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن باشلاپ، سىرىلانكىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئۇدا سەككىز قېتىم پارتلاش يۈز بەردى، پارتلاش ئورنى پايتەخت كولومبودىكى شانگرى مېھمانسارىيى، دارچىن مېھمانسارىيى، كىنگسبۇرى مېھمانسارىيى ۋە كولومبودىكى دېشىۋال ھايۋانات باغچىسى ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانا، كولومبودىكى سان ئانتونى چېركاۋى، شەھەر ئەتراپىدىكى سانت سېباستىئان چېركاۋى، شەرقىي قىسىمدىكى شەھەر بېتىكلودىكى بىر چېركاۋ ۋە كولومبونىڭ دمانتاگودا رايونىدىكى بىر تۇرالغۇ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىرىلانكا ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە بىر قاتار پارتلاشتا 207 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 35 چەت ئەللىك بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 470 ئادەم يارىلانغان. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 228 گە يەتكەن.
جۇڭگونىڭ سىرىلانكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىككى جۇڭگو پۇقراسىنىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئەلچىخانا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى ھەمدە سىرىلانكىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.
سىرىلانكا دائىرىلىرى شۇ جاي ۋاقتى 21-چېسلا سائەت 18دىن 22-چېسلا ئەتىگەن سائەت 6 گىچە سىرىلانكا ئارىلىدا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىشنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىرغا قەدەر، سىرىلانكا ساقچى تەرەپ پارتلىتىش دېلوسىغا چېتىشلىق يەتتە گۇماندارنى قولغا ئالدى ھەمدە يەنىمۇ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى