باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تۈر ياردىمى بىنگالنىڭ چەت - ياقا كەنتلىرىگە يېتىپ باردى

2019.04.22 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى داككا ۋىلايىتىنىڭ پادمابارۇي كەنتى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈر مەبلىغى ياردىمى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئۇلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1971 – يىلى بىنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كەنتتە ئىزچىل توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. توك يەتكۈزىلىشى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى .

  2015- يىلى 12- ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي قۇرۇلدى . يېرىم يىلدىن كېيىن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى قەرز پۇل تۈرىنى ئېلان قىلدى، بۇ بىنگالنىڭ توك تەقسىملەش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى . ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بۇ تۈرنى 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى، بۇ بىنگال ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى، شۇنداقلا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تۇنجى مۇستەقىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرى . بۇ تۈر بىنگال يېزىلىرىدىكى 12 مىليون 500 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى، پادمابارۇي كەنتى بۇنىڭدىن نەپ ئالغان نۇرغۇن كەنتلەرنىڭ بىرى .

  پادمابارۈي كەنتىگە بارىدىغان يول يىراق ھەم پاتقاق . مۇخبىر ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ شەھەر - بازار تاشيولىدىن يېزا - كەنتلەردىكى ئاددىي، تار ئاسفالت يوللاردا مىڭىپ، ئارقىدىن پاتقاق توپىلىق يولغا چىقىپ، ئاخىرىدا پىيادە كەنتكە باردى،ئۇ 20 نەچچە كىلومېتىر يولنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا بېسىپ بولدى . بىللە ماڭغان ئېلېكتىر ئىنژېنېرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : كەنت ئالدى بىلەن يول ياساپ ئاندىن توك سىمىنى ئۇلىدى، بۇ يەردىكى 200 ئائىلە ئۈچۈن 20 نەچچە كىلومېتىر توك سىمىنى كەنتكە ئۇلاشقا توغرا كەلدى.

  مۇخبىر زىيارەتكە بارغان تۇنجى بېكەت كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بولدى . مەكتەپنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، خىشتىن سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك بىنانى بولۇپ، كەنتتىكى ئەڭ ياخشى بىنا دېيىشكە بولاتتى. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ پەلەمپەي يېنىدا ئۆتكەن يىلى يېڭىدىن ئورنىتىلغان توك سائىتى بار ئىدى .

  بىر مۇئەللىم مۇنداق دېدى: باشلانغۇچ مەكتەپتە 1 - يىللىقتىن 5 - يىللىققىچە 150 ئوقۇغۇچى بار. بۇلتۇر توك ئۇلانغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار شامالدۇرغۇچ، لامپۇچكا، پرويېكتور ۋە كومپيۇتېرنى ئىشلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپنىڭ توك پۇلىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالدى . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەكتەپتە توك يوق ئىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھازىرقىدىن ئاز، نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. ھازىر كەنتكە توك يەتكۈزۈلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرس تەكرارلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاندى؛ ئۆگىنىش نەتىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇڭا ھۆكۈمەت ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا رەھمەت ئېيتىمىز .

  مۇخبىر كەنتتىكى بىر ئائىلىگە كىردى، بۇ بىر ئېغىز قاڭالتىر ئۆي، بىر ئېغىز كېسەك ئۆي ۋە بىر نەچچە لاپاستىن سېلىنغان بىر كىچىك ھويلا بولۇپ، يېڭى توك سائىتى قاڭالتىر ئۆينىڭ سىرتىغا قويۇلغانىدى. بۇ ئۆيدىكى ئوغۇل بالا مۇنداق دېدى : يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇيمەن ،توك بولغاندىن كېيىن كەچتە كىتاب ئوقۇيالايمەن.

  داككا ۋىلايىتىگە قاراشلىق موچاكو ۋىلايىتى يېزا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىنلەش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فۇكۇلۇ بۇ كەنتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى : بۇلتۇر كەنتتىكى ھەممە ئائىلىلەرگە توك ئۇلاندى، شۇ جايدا توك ئىشلىتىپ سۇ پومپىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش ئېلىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشۇرۇلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئېتىزنى كۆرسىتىپ، يېڭى بىر پەسىلدە شال مايسىسى 20 سانتىمېتىردىن كۆپرەك ئۆستى دېدى.

  بىنگالنىڭ توك تەقسىملەش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرىدە بېنگال يېزىلىرىدا 2 مىليون 500 مىڭ توك سائىتى، 65 مىڭ ترانسفورماتور كۆپەيتىلمەكچى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 75 مىڭ كىلومېتىر توك سىمى تارتىلىپ، يېزىلارنىڭ توك مۇلازىمەت ئىقتىدارى كېڭەيتىلىمەكچى ۋە ئۆستۈرۈلمەكچى.

  رەسمىي تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بىنگالنىڭ ئۈچ تۈرىنى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى . بېنگال ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى : ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ كېلىشى بىنگال قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن غايەت زور پايدا ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ يېزا رايونىدىكى كىشىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى .

  بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېنگال جىتتا پورتى رايونىنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كېڭەيتىش تۈرىنى تەستىقلىدى . ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تارقىتىش ۋە تەرەققىيات بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى ئوستېرفېلد يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بېنگالغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق زورايتىپ، بېنگالنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ .

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بىنگالنىڭ ئېلېكتىر ئىشلىرىنى ياخشىلاپلا قالماي، پادما بارۈي كەنت ئاھاللىرىگە ئوخشاش نامرات ئاھالىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر