باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى يېقىنقى ئالتە يىلدا 6 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى

2019.04.19 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-ئاپرېل دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  سىياسەت ئالاقە جەھەتتە، دۆلىتىمىز 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 170 نەچچە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، يەنە نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ شىركىتى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۆلىتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرىنى ئاچتى.

  ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈريولى، جاكارتا-ۋەنلوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، گۋادار پورتى، خامبانتوتا پورتى، خالىفا پورتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانى 14 مىڭدىن ئېشىپ، «بىر بېرىپ، بىر كېلىش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چېگرا سىرتىدىكى 15 دۆلەتتىكى 50 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.

  سودىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ئېلىمىز بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مال سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى. جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت رايونى، جۇڭگو-مىسىر سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قاتارلىقلار پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر