باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇداندىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر ئۆتكۈنچى مەزگىل ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى زۆرۈر

2019.04.22 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇدان ئۆتكۈنچى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تۆنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇسا فاكى شۇ كۈنى: سۇداندىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر كېڭىشىش بىردەك بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىل ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى زۆرۈر، دېدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۇدان ئۆتكۈنچى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر زايىنال ئابۇدىن شۇ كۈنى فاكى بىلەن سۇداننىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم سىاسىي مەزگىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا قانداق مەدەت بېرىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  فاكى مۇنداق دېدى: سۇدان ئافرىقىدىكى بىر مۇھىم دۆلەت، ئىختىلاپلارنى تىرىشىپ كىچىكلىتىپ ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەش ئىنتايىن مۇھىم، سۇداندىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر كېڭىشىش بىردەك بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىل ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى زۆرۈر.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۇدان ئۆتكۈنچى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رولى سىياسىي كۈچلەرنىڭ سۇداندا تىنچلىق ئۇسۇلىدا ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە مۇھىت يارىتىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر