باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چۇڭچىڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك

2019.04.18 17:47   مەنبە: خەلق تورى

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئاپرېلدىن 17-ئاپرېلغىچە چۇڭچىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى، جايلار، تارماقلار چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەتكە كېلىپ قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  تاغلىق شەھەردە 4-ئايدا باھار شامىلى چىقىپ، تاغ - دەريالىرى ياپيېشىل بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. شى جىنپىڭ 15-ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر ۋە شەھەر باشلىقى تاڭ لياڭجىنىڭ ھەمراھلىقىدا، شىجۇ تۇجيا ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مەكتەپ، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋۇلىڭ تېغىدىكى تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە. 15-چېسلا چۈشتە، شى جىنپىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا پويىز، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، شىجۇ ناھىيەسىگە قاراپ ماڭدى، تاغ يولى ئەگرى-بۈگرى، قىيالار تىك، جىلغىلار چوڭقۇر بولۇپ، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈشتىن كېيىن تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى شىجۇ ناھىيەسىنىڭ جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتىگە يېتىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدى. مەكتەپ مەيدانىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار يىغىلىپ، بەس-بەستە شى بوۋىسىدىن ئەھۋال سورىدى، باش شۇجى خۇشال ھالدا كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. جۇڭيى يېزىسى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئامما تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن مەسىلە ئىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تا مەجبۇرىيەت مائارىپىگە كاپالەتكە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ بالىلار جاپا تارتسا بولمايدۇ، ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ مائارىپتىن بەھرىلەنمىسە بولمايدۇ. نامرات تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ تەربىيەلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بالىلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بەختلىك، خۇشال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا كىرىپ ئاشخانا زالى، تاماق ئېتىدىغان جايلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئاتا-ئانىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ياردەم پۇلى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، تازىلىقى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەم ياخشى ئوقۇتقۇچى، ھەم ۋاقىتلىق ئائىلە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ياخشى باشقۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش، تاماق يېيىشىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاتا- ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ، يېزا مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 59 مىڭ 209غا يەتكەن
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلى…
    ·2019- يىللىق ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ 
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ
    ·ئاممىۋى سەنئەت دەرسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسلىرى: ھەر قايسى ساھەلەردىكى رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، بىر بەلباغ ب…
    ·قازاقىستاندا 6- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خە…
    ·ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس…