باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- سانلىق يىغىنىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى، لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى

2019.04.22 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- سانلىق يىغىنى 21- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گەنجيېنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن 2018- يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018ـ يىلى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ توققۇز تۈرلۈك چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچىنىڭ يىللىق نىشانى تولۇق ئورۇندىلىپ،" 13 ـ بەش" يىللىق يىرىك پىلان تەرتىپى تەلىپىگە يەتتى. لېكىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. 2019- يىللىق نىشاننى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالتە تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك: بىرىنچىسى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىسى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تۆتىنچىسى، يادرو ۋە رادىئاتسىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بەشىنچىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئالتىنچىسى، تىرەك كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېينىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن دوختۇرلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ۋە كەسپىي دوختۇرلار قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز دوختۇرلىرىنىڭ سانى 3 مىليون 607 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، يىللىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قېتىم سانى 8 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ، 1998ـ يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھەلدا %80.4 ۋە %290.1 ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا تىرەك بولدى، دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى، لېكىن، ئۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان ساغلاملىق ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنە بەزى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە تولۇق بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. كېيىنكى قەدەمدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دوختۇرلار قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، دوختۇرلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتەك كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاشنىڭ مۇلازىمەت ئۇسۇلى ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاپ، دوختۇر بىلەن بىمار ئارىسىدىكى ئىناق مۇناسىۋەتنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان دوختۇرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر