باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن زور ئۈمىد كۈتۈلمەكتە

2019.04.22 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىلدىكى باھارنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىدە، ھەر تەرەپتىن كەلگەن دوستلار بېيجىڭغا جەم بولىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ-جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم ساھىبخان دىپلوماتىيەسى شۇنداقلا يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتقان خەلقئارا كاتتا مەرىكە. ئاز دېگەن 40 قا يېقىن چەتئەل رەھبىرى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نەچچە مىڭ ھەر ساھە ۋەكىلى مۇنبەرگە قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، زېھنىي كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ، بۇ-«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پىلانلىنىش باسقۇچىدىن قۇرۇلۇش باسقۇچىغا قاراپ قەدەم تاشلاشتىكى مۇھىم نامايەندىسى.

  كىشىلەر تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ جۇڭگوغا كېلىدۇ. 2017-يىلى 5-ئايدا، ئوخشاشلا بېيجىڭدا، تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يول ئېچىش خاراكتېرى، يۇقىرى ئۆلچىمى ۋە مول نەتىجىسى بىلەن يەر شارىدىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ئېسىدە قالدى. تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىق يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت يول خەرىتىسى پىلانلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەققىدىكى يولغا قويۇلىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر بېكىتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ گۈزەل كېلەچىكى تەسۋىرلەپ بېرىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى باش مەقسەتلىك نۇتقىدا قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى-ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە موھتاج» دېگەن سۆزى كىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قېزىش، يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىجابىي ئۈنۈمىنى كۆردى. ھازىرغىچە، 120 نەچچە دۆلەت ۋە 30 غا يېقىن خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئىمزالانغانلىرى يېرىمدىن ئارتۇقنى ئىگىلەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ دېدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئارزۇ بارغانسېرى رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە ھاسىل قىلىنغان بەش چوڭ تۈر، 76 تۈر، 270 نەچچە تۈرلۈك نەتىجىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تولۇق ئەمەلىيلەشتى، سىياسەت ئالاقىسى، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر ساھەلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا يېتەرلىك قۇۋۋەت ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە جاكارلىغان يىپەك يولى فوندىنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئەركىن سودا تورىنى قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى قوللايدىغان تەدبىرلەر ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ بولدى ياكى تەرتىپلىك ۋە سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى»نى بىرلىكتە تۈزدى، جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇدى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە ھەرىكىتى، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى قاتارلىق لايىھەلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مېخانىزملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى پۇرسەت ۋە سەھنە بىلەن تەمىنلەش-تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى. ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، كۆلىمى تېخىمۇ كەڭ، پائالىيىتى تېخىمۇ مول بولغان 2-نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرى-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قوللىشىنىڭ ئاساسىي ئېقىم، ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي رېتىم، پۇرسەتنىڭ ئاساسىي مىلودىيە ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كامبودژا كاۋكام گېزىتىنىڭ باش ماقالىسىدا لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى «2-نۆۋەتلىك بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى-خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ» دەپ ئىپادىلەندى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قۇرۇش-ئەسىر قۇرۇلۇشى، ھەر قايسى تەرەپلەر يىپەك يولى روھىغا بىنائەن، تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا بىرلىكتە تېرىشىشى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيەت يولىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يۇرت-ماكانى ئۈچۈن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر