باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى: ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى بىلەمسىز؟

2019.04.22 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە بىر يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلدى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. خىزمەت ئىزدەش زور قوشۇنى ئالدىدا، دۆلەتتىن يەرلىككىچە يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشنى قاتتىق چەكلەش، نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى قويۇۋېتىش قاتارلىقلار. بۇ بىر يۈرۈش تەدبىرلەر مەكتەپ بوسۇغىسىدىن جەمئىيەتكە يېڭى قەدەم ئالغان ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  دۆلەت قاتلىمىدا:

  2018-يىلى 11-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى «2019-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئوقۇش پۇلى تولۇقلىما قەرزىنى ۋاكالىتەن تۆلەش، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقىدار تارماقلارغا پائال ماسلىشىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قوبۇل قىلغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، باجنى تۆۋەنلىتىش، ھەقنى كېمەيتىش قاتارلىقلاردا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  2018-يىلى 12-ئايدا گوۋۇيۈەن تارقاتقان «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكانت ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلارغا كېڭەيتىلدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق بۇ يىل 2-ئايدا تارقاتقان «خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا ھەر تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پىلانى تۈزۈش، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش جەريانىدا، جىنسىنى چەكلەشكە بولمايدۇ (دۆلەت بەلگىلىگەن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك دائىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا) ياكى جىنسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاياللارنىڭ نىكاھ-تۇغۇت ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ تەلەپ قىلىندى. (مەنبەنى بېسىپ تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر