باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئېلان قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2019.04.22 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋ چىڭپىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جايلار نامراتلارنى يۆلەش تۈرى مەبلىغىنى ئېلان قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

  مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 21-چېسلا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ فۇيۈەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئوۋ چىڭپىڭ تەربىيەلەش كۇرسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىدە بايقالغان مەسىلىلەر ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى توغرا تاللاپ، خەزىنىگە كىرگۈزۈش تۈرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۈنۈم باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 2020-يىلىدىن كېيىنكى تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بالدۇرراق پىلانلاش كېرەك.

  ئوۋ چىڭپىڭ مۇنداق دېدى: جايلار نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئېلان قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇش كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنىڭ كېيىنكى مۈلكىنى باشقۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر، سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرگە تەربىيە بېرىش كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى خۇلاسىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر