باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو، چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.04.22 13:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاساسلىق پائالىيەتلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، 12 مەيدان شۆبە مۇنبەر ۋە بىر مەيدان كارخانىچىلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، باشلىنىش مۇراسىمى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 4- ئاينىڭ 27- كۈنى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا باشتىن - ئاخىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، يىغىندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يەنە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ. ھازىرغا قەدەر، 37 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتارلىق رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولدى، ئىنگلىزچە ھەرپ تەرتىپى بويىچە ئايرىم - ئايرىم: ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بىرۇنېي، كامبودژا، چىلى، سىپرۇس، چېخ، جىبۇتى، مىسىر، ئېفىيوپىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگىرىيە، ھىندونېزىيە، ئىتالىيە، قازاقىستان، كېنىيە، قىرغىزىستان، لائوس، مالايسىيا، موڭغۇلىيە، موزامبىك، بىرما، نېپال، پاكىستان، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، فىلىپپىن، پورتۇگالىيە، رۇسىيە، سېربىيە، سىنگاپور، شىۋېيتسارىيە، تاجىكىستان، تايلاند، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان، ۋىيېتنام. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرىمۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. جۇڭگونى قوشقاندا 40 رەھبەر يەنشەن تېغى ئېتىكىگە، يەنشى كۆلى بويىغا جەم بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ياپونىيە، كورېيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ رەھبەرلەر ھاۋالە قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باشلىقلار مۇنبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»رامكىسى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە خەلقئارالىق كاتتا يىغىن. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى بەش سۆز ئارقىلىق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  بىرىنچى، يۆنىلىش ئېنىق بولدى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى. ئۇنىڭغا سىڭگەن ئاساسىي لىنىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىش نىشانىنى تىكلىدى.

  ئىككىنچى، ئاساس پۇختا بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، نەتىجە كۆرۈنەرلىك، ھوسۇل مول بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيا كەڭ دائىرىدە قاتناشقان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ۋە ئومۇميۈزلۈك ئالقىشلانغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك قائىدە كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىنىپ، «ئالتە كارىدور، ئالتە يول، كۆپ دۆلەت، كۆپ پورت»تىن ئىبارەت ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، زور بىر تۈركۈم ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مول تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ئاددىي پۇقرالارمۇ كۆرۈنەرلىك قاتنىشىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ 2- نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشىمىزگە پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئۈچىنچى، ئىنكاس قىزغىن بولدى. نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشنى پائال تەلەپ قىلدى، 150تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 90دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتتىكى 5000غا يېقىن چەت ئەللىك مېھماننىڭ مۇنبەرگە قاتنىشىدىغانلىقى مۇقىملاشتى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللىرى پۈتۈن يەر شارىدىكى بەش چوڭ قىتئەدىكى ھەرقايسى رايونلارنى قاپلىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت، ئەلئارا تەشكىلاتلار، سودا - سانائەت ساھەسى، ئىلىم - پەن ئاپپاراتلىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ.

  تۆتىنچى، ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي بولدى. تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئاساسىدا، 2- نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە يىغىنغا قارىتا ئىجادىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، شۆبە مۇنبەردە دىققەت ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سانى 12 مەيدانغا كېڭەيتىلىپ، تۇنجى نۆۋەتتىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيتىلدى، يەنە تۇنجى قېتىم كارخانىچىلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا - سانائەت ساھەسىنىڭ ئۇدۇللىشىپ ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.

  بەشىنچى، نەتىجىدىن ئۈمىد بار. باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بىر بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى سىياسىي ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە مۇنبەر مەزگىلىدە ھەرقايسى تەرەپلەر ھاسىل قىلغان كونكرېت نەتىجىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېلان قىلىدۇ، «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى: ئىلگىرىلەش، تۆھپە قوشۇش ھەم كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش» دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. كارخانىچىلار يىغىنى مەزگىلىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈر كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشەببۇسى بولۇپ، يادروسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرتەرەپلىمە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قېزىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى سۇپا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزگەن. ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان ھەمكارلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، ئورتاق پايدا ئېلىش يولى ۋە پاكلىق يولىغا ئايلانماقتا. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تەشەببۇس تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشكە ئىنتىلىش، تەرەققىياتقا ھەمتۈرتكە بولۇشتەك ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساھىبخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باشتىن - ئاخىر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا بولۇشتەك يىغىن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەيمىز. 2- نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىرىنچى، ئېقىن بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللايمىز. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇش ئورتاق ساداسى چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىككىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىق پىرىنسىپى ئىدىيەسىنى بېيىتىمىز. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدىيە ۋە پىرىنسىپتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ نەزەرىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىمىز. ئۈچىنچى، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورى بەرپا قىلىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ھالەتنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. تۆتىنچى، ھەرىكەتكە يۈزلىنىپ، كۈچلۈك تىرەك سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز. بىز ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مېخانىزم ئورۇنلاشتۇرۇشى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بەشىنچى، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىنى قويۇپ بېرىمىز. جۇڭگو تەرەپ سىرتقا قارىتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە تەدبىرىنى نامايان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنيا بىلەن بىللە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش پايدىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جەزمەن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەدىمكى يىپەك يولى تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك باراۋەر ھەمكارلىق روھىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقىدۇر. 2- نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم يىپەك يولى روھىنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، كەڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر