مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.09.28 19:16 مەنبە: خەلق تورى

  قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە كاپالەت پۇلىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە يەنىمۇ ياردەم بېرىش قارار قىلىندى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى كېڭەيتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كۈزلۈك ئاشلىق يىغىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللايدىغان، سودا خاراكتېرىدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇلىنىدىغان شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا باجدا ئېتىبار بېرىش، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بېكىتىلدى؛ «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش ۋە كاپالەت پۇلىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە يەنىمۇ ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى كېڭەيتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللايدىغان، سودا خاراكتېرىدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇلىنىدىغان شەخسلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىغا باجدا ئېتىبار بېرىش، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بېكىتىلدى؛ «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ياسىمىچىلىقتا قىيىنچىلىق زور بولۇش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 4-پەسىلدە يەنە بىر تۈركۈم ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش يولغا قويۇلدى. بىرىنچى، تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىش ھەققى، پاسكىنا سۇ ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى قاتارلىق 14 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلىدۇ، كۆلىمى 53 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىنمايدۇ. جايلارنىڭ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەرنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك؛ ئىككىنچى، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈپەت كاپالەت پۇلى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 63 مىليارد يۈەن؛ ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۆز-ھەرىكەتتە كەسكىن بولۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» — «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ باشقا جايدىكى خىزمەت، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىشقا پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، 187 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، دىققەتنى كارخانا ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، بېجىرىش قېتىم سانى كۆپ بولغان 22 تۈرلۈك ئىشنى يېڭىدىن كۆپەيتىش كېرەك. كارخانىلارغا قارىتا، ئېلېكتىرونلۇق باج تاپشۇرۇش، باج تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم؛ شەخسلەرگە قارىتا، ۋاقىتلىق كىملىك بېجىرىش، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش ۋە تەمىناتقا ئىلتىماس قىلىش، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش، سوزۇلما، ئالاھىدە كېسەللەر خىراجىتىنى راسچوت قىلىش قاتارلىقلارنى «ئۆلكە ئاتلاپ بىر تۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم؛ ئىككىنچى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ «ئۆلكە ھالقىپ ئىش بېجىرىش» تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياشانغانلار قاتارلىقلارنىڭ تور سىرتىدا ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بېجىرىشىگە ياردەم بېرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇش لازىم؛ ئۈچىنچى، شەخسىي سىر ۋە كارخانا سودا مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم. كۈزلۈك ئاشلىق ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلغان. دېھقانچىلىق مەزگىلىگە دەخلى قىلماي، كۈزلۈك ئاشلىقنى تېز يىغىپ، مول ھوسۇل ئېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈزلۈك، قىشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەرنى باشلاپ، بۇ يىل ئىچىدە 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللايدىغان، سودا خاراكتېرلىك تىجارەتتىكى شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش — ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: سىياسەت جەھەتتىن قوللايدىغان، سودا خاراكتېرىدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىغا قارىتا شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش يولغا قويۇلىدۇ: ھەق تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتا ھەر يىلى 12 مىڭ يۈەنلىك چەك بويىچە باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىلىدۇ، سېلىنما پايدىسىدىن ۋاقتىنچە باج ئېلىنمايدۇ، كىرىمدىن ئېلىنىدىغان ئەمەلىي باج سېلىقى %7.5 تىن %3 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. سىياسەتنى يولغا قويۇش بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزدە 160 مىليون بازار سۇبيېكتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە سودا-سانائەتچىلەر 110 مىليونغا يېتىدۇ. يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ مىكرو ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ھەم مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يىغىندا «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، باراۋەر ئىجازەت بېرىش، ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى يولغا قويۇش، مال-مۈلۈك ھوقۇقى، تىجارەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش، تىزىملاش ۋە باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى نىزام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يەككە سودا-سانائەتچىلەر قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىشى كېرەك، ھېچقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ