مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

ئىسلاھاتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك

2022.09.26 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى يېڭىلاندى، قۇرۇلمىسى يېڭىلاندى، ئەندىزىسى يېڭىلاندى، قىياپىتى يېڭىلاندى. ئىسلاھاتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە - تەلەپنى ئىگىلەپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىل يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بەلگىلەنگەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، كېيىنكى ئىسلاھاتنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىدى، كېيىنكى ئىسلاھاتنى پىلانلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا، 12 ئورۇن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيەنىڭ قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا داشۆسى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ