مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقىغا دائىر خەلقئارا مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.09.21 11:58 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقىغا دائىر خەلقئارا مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتلىق خۇسۇسىيىتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، بىخەتەر، مۇقىم، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقىغا دائىر خەلقئارا مۇنبەر شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئېلاستىكلىققا ئىگە يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشقا ئەمەلىي تۈرتكە بولايلى» بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ