شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بەرگەن «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

2022.09.18 12:35 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بەرگەن «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بەرگەن «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى.

مىرزىيويېف ئوردېن بېرىش سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. مەن رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت سىرتىغا تارقىتىدىغان ئەڭ ئالىي شان ـ شەرىپى بولغان تۇنجى «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنىنى بەرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. ئۆزبېكىستان خەلقى رەئىس شى جىنپىڭغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. شى جىنپىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سىياسىيون ۋە قالتىس داھىي. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە بىۋاسىتە پىلانلىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا پەخىرلىنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو گۈزەل بۈگۈنكى كۈنگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئىگە بولىدۇ. دوستانە جۇڭگونىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىنى تىلەيمەن! دوستانە جۇڭگو خەلقىگە بەخت، تىنچ ـ ئامانلىق تىلەيمەن!

مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى، مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. بۈگۈن مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىمزالىغان قوشما بايانات مۇقەررەركى يېڭى دەۋردىكى ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىدۇ.

مىرزىيويېف رەئىس شى جىنپىڭغا ئوردېن ئېسىپ قويدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ ماڭا «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنىنى بەرگەنلىكى ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەمدە ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۆزبېكىستان داڭلىق شائىرى ناۋايى: «دوستلۇق ئىچىدە ياشاشتىنمۇ ئەڭ گۈزەل ئىش يوق» دېگەن. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا، جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ئۆزبېك مىللىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇلۇغ مىللەت يىپەك يولىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزئارا ئۆتنە ـ يېرىم قىلىشىپ ئۆتۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغان. 30 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئاكتىپ كۈچ قوشۇلدى. مەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە كۈچ چىقىرىشقا كېلىشتۇق. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايدۇ.

«ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنى ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت سىرتىغا تارقىتىدىغان ئەڭ ئالىي شان ـ شەرىپى بولۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ھەمدە ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان زاتلارنى تەقدىرلەش مەقسەت قىلىنغان. بۇ، «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېرىلىشى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ