شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.09.19 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، مىرزىيويېف شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كەلگۈسى بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ.

  ئالتۇن كۈز مەزگىلىدىكى سەمەرقەنتتە، قۇياش نۇرى چاقناپ تۇراتتى، كۈزنىڭ ھاۋاسى سالقىن بولۇپ، كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى. يېقىندا پۈتكەن خەلقئارا يىغىن مەركىزى تولىمۇ ئۆزگىچە بېزەلگەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم ئىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە يېتىپ كەلدى، مىرزىيويېف ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. مىرزىيويېفنىڭ ھەمراھلىقىدا، شى جىنپىڭ قويۇق ئۆزبېكىستان مىللىي ئەنئەنىۋى ئامىللىرىغا ئىگە بولغان ۋە ھازىرقى زامانغا خاس لايىھەلەنگەن مەركىزىي زالدىن كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي دەرۋازا سىرتىدىكى مەيدانغا قاراپ ماڭدى.

  مىرزىيويېف شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ مىرزىيويېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھەمراھ خادىملىرىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى بىرلىكتە كۆردى.

  قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئىناق قوشنا بولۇپ، دوستانە ئۆتۈپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ـ گۈللىنىشىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئۆزبېكىستاننىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي تۈردە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىللە جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا «سۈرئەت ئاشۇرۇپ» يۈگۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى زورايتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېشىل تەرەققىيات سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى تىرانسپورت چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق باشلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىك، مۇھىت قوغداش، ئارخېئولوگىيە قاتارلىقلارغا دائىر ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت يىلى» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش ۋە لۇبەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان دوستلۇقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا خەلق رايى ۋە جەمئىيەت ئاساسىنى سالىدۇ. ئۆزبېكىستان ياشلىرىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن داۋالاش، ۋاكسىنا، دورا ياساش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، ئۆزبېكىستاندا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتۈپ، تىنچ ـ ئامانلىق ۋە خەۋپ ـ خەتەردە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشقا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ دۆلەت ئىچى مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بۇ تەشكىلاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى، كەڭ بوشلۇق ئېچىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، دوستانە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى، دەل ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقىغا توغرا كەلدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى پىلانلاپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ، يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئىنتايىن روشەن ھالدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ، ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ مەڭگۈ ئىشەنچلىك ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، تەبىئىي گاز، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى، مەدەنىيەت، يەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلىتى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت»، «كېسەك ئالتۇن +» قاتارلىق مېخانىزم رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، مەدەنىيەت، يەرلىك، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

  زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى «جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى تۈرى (قىرغىزىستان چېگراسى ئىچىدىكى بۆلەك) ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ مىرزىيويېف ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتنىشىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىرزىيويېف شى جىنپىڭنى سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا بىر تۈپ دۇب دەرىخىنى بىللە تىكىشكە تەكلىپ قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە كۆچەتكە توپا يۆلىدى، سۇغاردى. دۇب دەرىخى ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ بۈك ـ باراقسان ئۆسۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن ئۈنۈملۈك ھەم نەتىجىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زىيارەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن يېڭى خەۋپ ـ خەتەر، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىمىزغا موھتاج. مەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن ئالاقىلىشىش ـ ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمەن.

  مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئاكام، سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش دائىم مېنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. سىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىڭىزنىڭ نەتىجىسى مول بولۇپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ