مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2022.09.18 12:34 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مول نەتىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ جانلاندى، خەلقئارا سەھنىدە زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىدى. دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگەرتىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، مۇقىملىق بېغىشلاشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا كۈچلۈك قوللاپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدە ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىنى قوغدىشى، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

پۇتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈزبەرمەكتە، بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغىنى رۇسىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشى بولۇپ، رۇسىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تاغدەك مۇستەھكەم. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىردەك تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپكە تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسى تىكلىدى. رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللانغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئالاقە، ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان نوپۇزلۇق سۇپا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، جۇڭگو تەرەپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە رېپېرلىق قىلىش ھوقۇقى يوق دەپ تەكىتلىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ