مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بەرگەن «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

2022.09.16 13:54 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نۇرسۇلتان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بەرگەن «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى


  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نۇرسۇلتان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بەرگەن «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى.


  مەرمەر تاش زالى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى رەتلىك تىزىلغان، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى.


  توقايېف ئوردېن بېرىش سۆزى قىلدى. توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن، ئۇلۇغ جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى قازاقىستان تەرەپ ئۈچۈن زور شەرەپ. رەئىس شى جىنپىڭ ھەقىقىي بىر ئۇلۇغ داھىي بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگەتتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇقەررەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.


  توقايېف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جارى قىلدۇرغان تارىخىي خاراكتېرلىك رولى ۋە قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتى مۇقەرەركى قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىغا پۈتۈلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشنى خالايدۇ.


  توقايېف شى جىنپىڭغا «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنى بەردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


  شى جىنپىڭ مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ماڭا «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنى بەرگەنلىكى قازاقىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەم قازاقىستان خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىش ساقلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشتىكى نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، گۈللىنىشكە يۈزلىنىش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. مەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان بۇ ئوردېننى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى خۇددى ئالتۇن بۈركۈتتەك قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ، يىراق مەنزىلگە يېتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ.


  «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئالىي شان - شەرىپى بولۇپ، قازاقىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تاشقى دوستانە ئالاقىسىگە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان زاتلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.


  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ