مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

​قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى

2022.09.15 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان «خەلق مۇھاكىمە گېزىتى»، ئۆزبېكىستان دۆلەت ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلاردا «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:


  قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى


  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ


  «يېرى مۇنبەت، ئېكىنزارلىقلار زىرائەتلەرگە تولغان، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن، باغلار مېۋىلەرگە تولغان بولۇپ، بۇ يەردە نەسىللىك ئاتلار كۆپ چىقىدىكەن.» بۇ، 1300 نەچچە يىل ئىلگىرىكى جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن راھىب شۈەنزاڭنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەسۋىرلەنگەن سەمەرقەنتنىڭ باياشاتلىققا تولغان گۈزەل مەنزىرىسى. مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن بۇ كۈز ئېيىدا، زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ تەكلىپى بويىچە، مەن پات ئارىدا سەمەرقەنتتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل شەھەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىمەن، ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمەن.


  جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئۇلۇغ يىپەك يولى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقىسىگە گۇۋاھ بولدى. جۇڭگونىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ چيەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۈەنزاڭ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېن چېڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكىستانغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، تاشكەنت، سەمەرقەنت، ناۋايى قاتارلىق داڭلىق شەھەرلەردە شەرقتىن كەلگەنلەرنىڭ ئاياغ ئىزىنى قالدۇرغان. ئەسلىي يۇرتى بۇخارادىن بولغان سىياسىيون سېيىد شەمشىدىن جۇڭگونىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۈننەن ۋازارىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان، سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان ئاسترونومىيە، كالېندار ئالىمى ۋۇ رۇ 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نەنجىڭدا رەسەتخانا سېلىشقا قاتناشقان. ئۇلار جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى ۋە باشلامچىلىرى، ئۇلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا مەدھىيەلىنىپ كەلمەكتە.


  ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە جۇغراپىيەلىك مەركەز. مۇستەقىل بولغان 31 يىلدىن بۇيان، ئۆزبېكىستان دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆزبېكىستان خەلقى «يېڭى ئۆزبېكىستان» قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ھەرقايسى ساھەلەر ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تېز يولىغا كىرىپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، خەلق تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىپ، خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. دوستانە قوشنا دۆلەت ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇنىڭدىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق.


  بۇ يىل جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى دەرىخى بارغانسېرى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بۈك - باراقسان ئۆستى. ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئىناق قوشنا بولۇپ، دوستانە ئۆتۈپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


  − بىز بىر - بىرىمىز بىلەن سىرداش ياخشى دوست. 2016 - يىلىدىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇچرىشىش، تېلېفونلىشىش، ئۆزئارا خەت ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە قويۇق شەخسىي دوستلۇق ئورناتتۇق. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ئۆزئارا كۈچ قوشۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، رايوننىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشتى.


  − بىز ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت. 2021 - يىلى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 8 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 5 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىپ، پۈتۈن يىلدا 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتەك نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ تۆت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكىستاندىن ئۆتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى ئۇزۇن تونېل «ئانگىرېن - پوپ» تۆمۈريول تونېلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيولى، جۇڭگو - قازاقىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنىڭ توشۇش يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۆزبېكىستان «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئۆزگەرمەكتە. ئىككى تەرەپ يەنە يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، زامانىۋى خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى.


  − بىز مەدەنىيلىك جەھەتتە سۆھبەتلىشىدىغان ياخشى ئۈلگە. ئىككى تەرەپ سەنئەت بايرىمى، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، كۆرگەزمە، تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش، كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش، كىنو سۈرەتكە ئېلىش، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىش، يەرلىكنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە خادىملارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپكە جەمئىي 6500دىن كۆپرەك ھەر ساھە كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى، ئۇلار ئۆزبېكىستاننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا پائال ئاتلاندى. كۇڭزى شۆيۈەنى تاشكەنت، سەمەرقەنتتە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ئۆزبېكىستانغا زور بىر تۈركۈم خەنزۇ تىلى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەت ساياھەت ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىننى زىيارەت قىلىشقا قەدەم تاشلىدى. مەن 2013 - يىلى سەمەرقەنتتە زىيارەتتە بولغاندا باشلانغان خىۋا قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي ئاسار ئەتىقىلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، خىۋادىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي شەھەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.


  − بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان ياخشى قېرىنداش. جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتۈپ، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولدى. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رايون ۋە كۆپ تەرەپ قاتلىمىدا قويۇق ھەمكارلىشىپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىپ، ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كېڭەيتىپ، خەۋپسىزلىك توسۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بوران - چاپقۇنلاردا ھەمسەپەر بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇردى. جۇڭگونىڭ ۋاكسىنىلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى ھەم بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش دورىسى ئۆزبېكىستاندا كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىش تەستىقىغا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.


  2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقىلىشىش ۋە 30 يىللىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. تارىخ بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەتىسىگە قارىتا ئىشەنچكە تولدۇق، شۇنداقلا زور ئۈمىد باغلىدۇق.


  بىرىنچى، بىز ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش رىشتىسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ.


  ئىككىنچى، بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئورتاق پىلانلىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، نۇقتىلىق تۈر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى يولىنى ئورتاق پىلانلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىۋاتىدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. كېلەر يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ ئېسىل، سىپتا «نەپىس رەسىم» سىزىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.


  جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ماس، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.


  ئۈچىنچى، بىز خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ھەرقانداق كۈچنىڭ رايون مۇقىملىقى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئافغانىستان جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستانغا قوشنا دۆلەت، تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن ئافغانىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ ھەم قوللايدۇ. بىز ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايمىز.


  تۆتىنچى، بىز ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، دوستلار ئارىلاشقانسېرى دوستلۇقى چوڭقۇرلىشىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقى چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىغا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئاساسى مۇستەھكەم، ئىستىقبالى پارلاق. بىز تاراتقۇ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئاخبارات، ئارخېئولوگىيە، يەرلىك ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزبېكىستاندا لۇبەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇستەھكەملىشىمىز، خەلقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.


  مەن بۇ قېتىم ئۆزبېكىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمەن. بۇ يىل دەل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. بۇ تەشكىلات نىزامنامە ۋە شەرتنامىدە بېكىتىلگەن ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە «شاڭخەي روھى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشى، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسى تىكلەپ، ياۋروپا - ئاسىيا رايونى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم ئىجابىي كۈچكە ئايلاندى.


  ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، سەمەرقەند باشلىقلار يىغىنى چوقۇم مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.


  كۆڭۈلدە نىشان بولسىلا، چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش يولىدا داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسى ۋە نىشانىغا قاراپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ