مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.09.13 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشى يولىدا داغدام قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش مۇساپىسىدە ئافرىقا كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە كەڭلىك دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭى دەۋردە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. مەن جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سال ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.


  سال مۇنداق بىلدۈردى: ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ قىزغىن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگو خەلقى ئارىسىدىكى قويۇق دوستلۇقنى تولۇق نامايان قىلدى، مەن سىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن ئافرىقا ـ جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن. مەن سىزگە شۇنداق بايان قىلىمەنكى، ئافرىقا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ دوستانە جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ