مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى»دىكى سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنى

ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى​

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2022.09.13 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت


  بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى»دىكى ساۋاقداشلارغا:


  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. مەكتەپكە كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان، سىلەر دەرسخانىدا ئۆگىنىش ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىلىمىڭلارنى ئاشۇرۇپ، نەزەر دائىرەڭلارنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئېتىقادىڭلارنى چىڭىتىپسىلەر، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىغا 120 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!


  بېيجىڭ سىفەن داشۆسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان زامانىۋى سىفەن مائارىپى ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. سىلەرنىڭ «بىلىم ئىگىلەشتە باشقىلارغا ئۇستاز بولۇش، ھەرىكەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پەزىلىتىڭلارنى چېنىقتۇرۇپ، داۋلى تارقىتىش، ئىلىم ئۆگىتىش، گۇمانىي مەسىلىلەرنى يېشىش ماھارىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.



  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!


  شى جىنپىڭ


  2022- يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى»دىكى سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى ھەم بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى ۋە 38 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى.


  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مەكتەپكە كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان، سىلەر دەرسخانىدا ئۆگىنىش ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىلىمىڭلارنى ئاشۇرۇپ، نەزەر دائىرەڭلارنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئېتىقادىڭلارنى چىڭىتتىڭلار، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ سىفەن داشۆسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان زامانىۋى سىفەن مائارىپى ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. سىلەرنىڭ «بىلىم ئىگىلەشتە باشقىلارغا ئۇستاز بولۇش، ھەرىكەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پەزىلىتىڭلارنى چېنىقتۇرۇپ، داۋلى تارقىتىش، ئىلىم ئۆگىتىش، گۇمانىي مەسىلىلەرنى يېشىش ماھارىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  2021- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق سىفەن داشۆلىرى بىلەن يەرلىك سىفەن مەكتەپلىرىگە نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەكلى ئارقىلىق، ھەر يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 832 ناھىيە ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق چېگرا ناھىيەلىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10 مىڭ ئەتراپىدا سىفەن ئوقۇغۇچىسى تەربىيەلەپ بېرىدۇ. يېقىندا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى»دىكى سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيانقى ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ