مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى چارلېس Ⅲكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.09.13 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى چارلېسⅢكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن ئايال پادىشاھ ئېلزابېت IIنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئەنگلىيە خان جەمەتى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.


  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II ئەنگلىيەنىڭ تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان پادىشاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەت بولغان ئەنگلىيە پادىشاھى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئەنگلىيە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ چارلېس Ⅲ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.


  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىراسقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئايال پادىشاھ ئېلزابېت IIنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئايال پادىشاھنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ