مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.09.13 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشقا سۇنۇلىدىغان 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلات ئارگىنالى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» ئارگىنالى، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىنى مۇھاكىمە قىلدى، «19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» «پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»قا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  يىغىندا، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتنىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى ـ سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)»گە پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ھۆججەت ئارگىنالىنى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.


  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىم پىكىر ئېلىش جەريانىدا، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئارگىنالى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىغا نۇرغۇن ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىدىغان، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلتاي دوكلاتىنى تەييارلاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق بولغان پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىلمىي كۆزىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە يېڭى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدىن چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە قارىتا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇش، جان تىكىپ ئېلىشىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيەنىڭ باش نىزامنامىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تۈپ خاراكتېرلىك قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا ئىگە. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن پارتىيە نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا بېكىتىلىدىغان مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئائىت يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق قارالدى: 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرانى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش جانلىق ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئۈنۈمى، تونۇش تەسىراتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىغىن 2022 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشقا قوشۇلدى.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا قارىتا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا بوشاشمىدى، قەدەمنى توختاتمىدى، قايتا يولغا چىقتى. قەتئىي بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇزاقتىن بۇيان چەكلەپ بولۇنمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىيات چەكلەندى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەر ھەل قىلىندى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى.


  يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىدا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىلىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئارتۇقچە يۈكتىن قۇتۇلدۇردى. پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەندى ۋە تۈزىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا قاراتتى. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى دائىملىق خىزمىتىگە ئايلاندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقىغا ئايلاندى.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، دائىم ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، باشقۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، تۇتۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىملىق تۈزەش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ھەم تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.


  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ