مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.09.13 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 74 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن فاڭجېن ـ سىياسەتلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇردى. بىز ياخشى يولداش، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق. ئىشىنىمىزكى، يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قېرىنداش چاۋشيەن خەلقى چوقۇم چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىللە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش، جۇڭگو ـ چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو ـ چاۋشيەن دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو ـ چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ