مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ كۆپ خىل تىلدىكى سېلىشتۇرما نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.09.09 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ رۇسچە ـ خەنزۇچە، فىرانسۇزچە ـ خەنزۇچە، ئىسپانچە ـ خەنزۇچە، ياپونچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك ـ تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.


  «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ رۇسچە ـ خەنزۇچە، فىرانسۇزچە ـ خەنزۇچە، ئىسپانچە ـ خەنزۇچە، ياپونچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە ـ خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىدە، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ