مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىچۇەننىڭ گەنزى لۇدىڭ ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ

ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ ياردەم قىلىپ، ئادەم يارىلىنىش ـ ئۆلۈپ كېتىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2022.09.07 13:12 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى سائەت 12دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۇەننىڭ گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لۇدىڭ ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىر. ھازىرغىچە، يەر تەۋرەشتە 21 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى، 30 نەچچە ئادەم يارىلاندى، قىسمەن سۇ، توك، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىدى.
  يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سىچۇەن گەنزى لۇدىڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەش ئېغىر، زور بولغان ئادەم يارىلىنىش ـ ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، ئادەم يارىلىنىش ـ ئۆلۈپ كېتىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار سىچۇەنگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم يەرلىكنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلىشىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن جىددىي رېمونت قىلىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يەرلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار ئاپەت رايونىغا تېزدىن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. سىچۇەن ئۆلكىسى، گەنزى ئوبلاستى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەم چېدىر، يوتقان، يىغما كارىۋات قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپەت رايونىغا جىددىي يۆتكەپ توشىدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ