مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك «سۈپەت ئېيى» پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى :

بازار رىقابىتىدە جۇڭگو سۈپىتىنى تاۋلاپ، جۇڭگونىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك

2022.09.02 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  9- ئاينىڭ 1- كۈنى، 2022- يىللىق مەملىكەتلىك «سۈپەت ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۈپەت ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، سۈپەت باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنى ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈپەت ئارقىلىق غەلىبە قىلىش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ سۈپەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەت، ئۆلچەم، تېخنىكا، كۇرسلۇق مەھسۇلات بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى بەرپا قىلىپ، بازار رىقابىتىدە جۇڭگو سۈپىتىنى تاۋلاپ، جۇڭگونىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت باشقۇرۇش قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەت تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ