مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

ئىقتىسادنىڭ چوڭ دېسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى تېز كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى

2022.09.02 00:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئىقتىسادنىڭ چوڭ دېسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى تېز كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئامىللىرىنىڭ زەربىسىگە قارىتا، ئالدىنقى مەزگىلدە ئىككى يىلدىن بۇيانقى زاپاس سىياسەت قورالىنى ئىشلىتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ۋاقتىدا، كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. چۈنكى بازار سۇبيېكتلىرى بەزى جەھەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق 2020-يىلىدىكىدىن كۆپ بولدى، بۇ يىل باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار 2020-يىلىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سالمىقى بار سىياسەتلەر يولغا قويۇلدى، ئومۇمىي سىياسەت كۆلىمى مۇۋاپىق بولدى. ھازىر ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىمىز، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. يېقىندا گوۋۇيۈەن ئىقتىسادى ئاساسى بار ئۆلكىلەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا بىر تۈركۈم قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. داۋاملىق مىنۇت-سىكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 9-ئاينىڭ بېشىدا يولغا قويۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يولغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، يېڭىدىن كۆپەيگەن 300 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى سىياسەت خاراكتېرىدىكى ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئاساسىدا، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن كۆلەمنى كېڭەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، پىشىپ يېتىلگەن تۈرلەرنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تۈر قاتارلىقلاردا مەبلەغ ئەھۋالى كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش لازىم؛ ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن ئىش باشلىغان تۈرلەرنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، لېكىن نورما چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مەبلەغ قىسىپ قويۇلغان تۈرلەرنى ئاپتوماتىك قوللاپ، 3-پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى بازار ئېھتىياجى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، سىياسەت خاراكتېرىدىكى ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى بىلەن قوللايدىغان ساھەلەرنى كېڭەيتىش كېرەك. كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىقلارنى تۈرگە كىرگۈزۈش ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەلئارا سېلىنمىنى جەلپ قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، كەسپىي مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىدىغان سىياسەتلەرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.

  تۆتىنچى، سودا بانكىلىرىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى تولۇق سەپلەش كېرەك. بۇمۇ ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. ئالاقىدار تارماقلار بانكىنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بانكىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا باھالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  بەشىنچى، نۇقتىلىق تۈرلەرگە قارىتا مەركەزلىك ئىش بېجىرىش، بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى داۋاملىق قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن يەر ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىقلارنى بېجىرىشتە ۋەدە بېرىپ، تۈر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەتنى تولۇقلاپ بېجىرسە بولىدۇ.

  ئالتىنچى، قاتتىق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجىنى قوللاپ، يەرلىك «بىر شەھەرگە بىر سىياسەت» ڧۇنكسىيە قورالىنى ياخشى ئىشلىتىپ، باسقۇچلۇق كىرېدىت سىياسىتى ۋە بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس قەرز پۇلىدىن جانلىق پايدىلىنىشى كېرەك. ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، گوۋۇيۈەن يەنە بىر تۈركۈم ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى بىر قانچە ئۆلكىگە ئەۋەتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ 3-پەسىلدىكى ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تاماملاش، رەسمىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ.

  سەككىزىنچى، جايلارمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا نەپ ئېلىش، مەبلەغنى ئىشلىتىۋالماسلىق ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات سىياسەت ڧۇنكسىيە قورالى ئىنتايىن مۇھىم قورال، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ، ئاساسلىقى كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى چوڭقۇر تۈزەش، ھوقۇق چېگراسىنى قاتتىق ئايرىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ باج ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا بىر قېتىم ئىجازەت بېرىشنى يولغا قويۇش لازىم. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداش كېرەك. سودا مۇھىتى مەسىلىسىگە دائىر يىپ ئۇچىنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ