مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2022.08.28 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ داۋاملاشما سىياسەت-تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كۈچەيتىلدى؛ سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنىڭ نورمىسىنى كۆپەيتىش ۋە مەخسۇس زايومنىڭ قالدۇق نورمىسىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تولۇقلىمىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆپەيتىش ۋە توك تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ زايوم تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش قارار قىلىندى؛ بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەرنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرى ۋە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بېكىتىلدى؛ جايلارغا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، سىياسەتنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئاينىڭ 24-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ داۋاملاشما سىياسەت-تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كۈچەيتىلدى؛ سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنىڭ نورمىسىنى كۆپەيتىش ۋە مەخسۇس زايومنىڭ قالدۇق نورمىسىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تولۇقلىمىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆپەيتىش ۋە توك تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ زايوم تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش قارار قىلىندى؛ بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەرنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرى ۋە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بېكىتىلدى؛ جايلارغا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، سىياسەتنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر ئىقتىسادنىڭ 6-ئايدىكى ئەسلىگە كېلىش، تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشماقتا، لېكىن ئازراق داۋالغۇش بار، ئەسلىگە كېلىش ئاساسى مۇستەھكەم ئەمەس. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش — دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. ھازىرقى مۇھىم ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، مۇۋاپىق سىياسەت كۆلىمىنى ساقلاپ، ئەسۋاب ساندۇقىدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسۋابلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەم باستۇرۇپ سۇغىرىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، ھەم كەلگۈسىنى خوراتماسلىق كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە 19 تۈرلۈك داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ بىرىكمە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشىشنى ساقلاپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچى، 300 مىليارد يۈەنلىك سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى تۈرلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، يەنە 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سومما كۆپەيتىلىدۇ؛ 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس زايومنىڭ يەرلىك قالدۇق نورمىسىنى قانۇن بويىچە ئوبدان ئىشلىتىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىپ بولۇش كېرەك. بۇ ھەم ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق ئىستېمالنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ھەم قەرز پۇل ئېھتىياجىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق. قەرز پۇلنىڭ بازاردىكى باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە شەخسىي ئىستېمال كىرېدىت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، بىر تۈركۈم شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاشنى تەستىقلاپ، تۈرلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، مەبلەغنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىش لازىم. تەدبىر چىقىرىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەبلەغ سېلىشىنى قوللاپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ «بىر شەھەر، بىر تەدبىر» بويىچە كىرېدىت قاتارلىق سىياسەتلەردىن جانلىق پايدىلىنىشىغا يول قويۇپ، قاتتىق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قوللاش كېرەك. سودا خادىملىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەرنى بىر پەسىل كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، يەرلىكنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قەرز پۇل بېرىش خەۋپ-خەتەر تولۇقلىما فوندى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  تۆتىنچى، مەركەز توك تارقىتىش كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ 200 مىليارد يۈەنلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالاھىدە زايومى تارقىتىشىنى قوللاپ، بۇ يىل 30 مىليارد يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى تارقىتىش ئاساسىدا، يەنە 10 مىليارد يۈەن تارقىتىلىدۇ.

  بەشىنچى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىجىل چىڭ تۇتۇلىدۇ.

  ئالتىنچى، مەركەز تۈرتكە بولىدۇ، يەرلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ھەرقايسى تارماقلار تېزدىن سىياسەت تەپسىلىي قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، جايلار يانداش سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچى بولۇپ، بىرقانچە ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىگە بېرىپ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىشى لازىم. گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 7-ئايدىن بۇيان سىچۈەن ئويمانلىقى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمى قاتارلىق رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغدى، قۇرغاقچىلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، دەريا ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ، مۇۋاپىق پەيتتە سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇش، ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ مەنبەسىنى كۆپەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، دېھقانلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، كۈزلۈك ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتىدىن 10 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك شالنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش كېرەك؛ بەشىنچى، كەنجى شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. مەركەز مالىيەسى داۋاملىق قوللايدۇ. يەرلىكمۇ سېلىنمىنى كۆپەيتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ