مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2022.08.22 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ۋە شەخسىيلەر ئىستېمالىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش؛ كۈتۈنۈش-پەرۋىش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ياردەم بىلەن يۆلەش؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىيئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ۋە شەخسىيلەر ئىستېمالىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش؛ كۈتۈنۈش-پەرۋىش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ يۆلەش؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىساد داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا ئازراق داۋالغۇش بار .پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مالىيە، پۇل سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى قاراتمىلىق ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش كېرەك .يەرلىكنىڭ مەخسۇس قەرز چېكى بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇش كېرەك .بازارلاشقان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز ئېلىش بازىرىنىڭ باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجىنىڭ ئۆرلىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ۋە شەخسىيلەر ئىستېمالىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى :ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلە، ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى .يۇقۇم ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆپەيدى .جايلار، ئالاقىدار تارماقلار قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت مالىيەسىدىن 120 مىليارد يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مەبلەغ چىقىم قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7 ئاشقان. كاپالەت ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى كېڭەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك .ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى تېزدىن تارقىتىپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بۇ يىل 9-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە باھا تولۇقلىمىسى ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى باسقۇچلۇق تەڭشەش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، يېتىم بالىلار قاتارلىق يەتتە تۈردىكى كىشىلەر توپىنى قاپلاش ئاساسىدا، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ئالىدىغانلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالىدىغانلار گىرۋىكىگە يېقىنلىشىپ قالغانلارمۇ يېڭىدىن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى سىياسەت 67 مىليون كىشىنى قاپلايدۇ. يولغا قويۇش شەرتىدىكى ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھاسى يەككە ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكى % 3.5 تىن 3.0% كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، مەركەز مالىيەسى يەرلىكنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، باھا تولۇقلىمىسى ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تەڭشەش ئارقىلىق كۆپەيگەن چىقىمغا قارىتا، ئامىل ئۇسۇلى بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ، يەرلىك ئالدى بىلەن تارقىتىپ، كېيىن مەركەز مالىيەسىدىن راسچوت قىلىدۇ. بەشىنچىدىن، يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ياردەم بېرىشنىڭ دەل جايىدا، دەل ۋاقتىدا بولۇشىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى :كۈتۈنۈش ـ پەرۋىش مۇلازىمەت كەسپى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «چوڭ-كىچىكلەر« مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ. بۇ ئىككى كەسىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغاچقا، ئومۇميۈزلۈك يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا بىر قاتار ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. بۇ ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كۈتۈنۈش-پەرۋىش قىلىش كەسپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغانلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئىجارە ھەققى بىردەك كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ شارائىتى بار جايلار ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئۆيلەرنى ئىجارىگە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى قوللىشى؛ كۈتۈنۈش-پەرۋىش مۇلازىمەت كەسپىدە قالدۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى بىر قېتىمدىلا كېمەيتىپ، ئېيىغا ئاشۇرۇپ قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ جايلار بۇ يىل ئىچىدە يەرلىكنىڭ «ئالتە باج، ئىككى ھەق» نى كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

  ئىستېمالنى كېڭەيتىش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالى، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، يولغا قويۇش ئىككى قېتىم ئۇزارتىلغان، بۇ يىل ئاخىرىدا ۋاقتى توشىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە ئۇزارتىلىپ يولغا قويۇلىدۇ، يېڭىدىن 100 مىليارد يۈەن باج كەچۈرۈم قىلىش مۆلچەرلەندى. ئىككىنچى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئالاقىدار باشقا قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاپتوموبىل، پاراخوت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىپ، يولغا چىقىش ھوقۇق دائىرىسى، نومۇر تاختىسى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بازارلاشتۇرۇش چارىسىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاش ۋە يانداش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتلىك ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ