مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى»نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 12 تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.08.10 10:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى، مەركەز ئارخىپ سارىيى ھەمكارلىشىپ تەھرىرلىگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى»نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتىكى بىر يۈرۈش نوپۇزلۇق ھۆججەت - ئەسەر، ماتېرىيال توپلىمى. بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى ئاساسلىقى 1921 - يىلىدىن 1927 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 12 توم، 4 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق خەت، پارتىيە قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شەكىللەنگەن بىر قىسىم مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر «قوشۇمچە قىسىم» ئارقىلىق 1 - تومغا كىرگۈزۈلدى. تۇنجى تۈركۈمدە نەشر قىلىنغان بۇ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر ماركسىزم جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن جۇڭگو جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن غايەت زور تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى؛ ئىلغار جۇڭگولۇقلار تاللىغان ئىلمىي نەزەرىيە، تىكلىگەن ماركسىزملىق ئېتىقادنىڭ ئىدىيە تومۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى؛ دەسلەپكى مەزگىلدىكى كوممۇنىستلارنىڭ ماركسىزم، لېنىنىزمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەرگە بولغان ئىجادىي ئىزدىنىشى ھەمدە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە قۇرۇش جەريانىدىكى جاپالىق مۇساپە ئېنىق خاتىرىلەندى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇساپىسى داۋامىدىكى تۈرلۈك خاتا پىكىر ئېقىملىرى بىلەن بولغان كەسكىن ئېلىشىش خاتىرىلەندى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى تۇرغۇزۇش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش شانلىق مۇساپىسى خاتىرىلەندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلغان سەلتەنەتلىك تارىخى خاتىرىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن ھەم قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى نامايان قىلىندى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى»نىڭ تەھرىرلىنىپ نەشر قىلىنىشى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە تارىخىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ