مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.08.01 08:51 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي سۆزلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش ياساشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يۈزلىنىش سىجىل ئۆزگىرىپ بارماقتا، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىزىل رەقەم ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەنمەكتە. ئۆزگەرتىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئېنىقلىما بېرىپ، جۇڭگونى ئەڭ ئاساسلىق رەقىب ۋە ئەڭ كەسكىن ئۇزاق مۇددەتلىك خىرىس دەپ قاراش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان خاتا ھۆكۈم قىلىش ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان خاتا چۈشىنىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەيدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە بويىچە ئالاقىنى ساقلاپ، ھازىرقى ئالاقە يوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھازىر يەرشارىۋى ئىقتىساد ۋەزىيىتى خىرىسقا تولدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، يەرشارىۋى ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئالاقىنى ساقلىشى كېرەك. قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا ئالاقىنى ئۈزۈش، زەنجىرنى ئۈزۈش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئىككى تەرەپ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ ئازىيىشى، پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن ئىگىلىك توختاپ قېلىش قىيىن ۋەزىيىتى ۋە چېكىنىش خەۋپ - خەتىرىدىن قۇتۇلۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپى، مەيدانىنى نۇقتىلىق بايان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىنتايىن ئېنىق، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىدەك پاكىت ۋە ھازىرقى ھالىتى ناھايىتى ئېنىق. جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ۋەدىسى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ھەرگىزمۇ ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل بىردەك، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. خەلق رايىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا تەرەپ سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  بايدېن مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرماقتا. ئامېرىكا - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگىمۇ پايدىلىق. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن راۋان سۆزلىشىشنى ساقلاپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇقۇشماسلىق، خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن «مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپى، مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش سەمىمىي، چوڭقۇر بولدى، ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدۇق، ئىككى تەرەپ خىزمەت كوللېكتىپلىرىغا بۇ ھەقتە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ۋەزىپە قىلىپ يۈكلەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ