دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن جۇڭگو تەرەپ كۈتۈۋالغان تۇنجى چەت ئەل دۆلەت باشلىقى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت «تۆت چاق ھەرىكەتلىنىدىغان» ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، رايون ۋە پۈتۈن يەرشارى قاتلىمىدا ئاكتىپ، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھازىر، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، ھىندونېزىيە خەلقىمۇ 2045 - يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشماقتا. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئورتاق مەنپەئىتى بىر - بىرىگە باغلانغان، ئىدىيە يولى تۇتاشقان، ئىستىقبالى، تەقدىرى چېتىلغان. جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا يۆنىلىشنى بېكىتكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بۇنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى قەتئىي قوللاشنى، بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاشنى، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قەتئىي قوللاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر رايونى» قاتارلىق مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەختى ۋە شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادىكى ئۆزگىرىش مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە كېڭەيمەكتە، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى شەرق ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاسىيا كۈچىنى قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ ھىندونېزىيەنىڭ كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ھىندونېزىيەنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
جوكو مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم نىشانىنى بېكىتتى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. ھازىرقى ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەختى ۋە شىمالىي كالىمانتان يېشىل سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، «يەرشارىۋى دېڭىز - ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» تەسەۋۋۇرىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما، تېخنىكا، ۋاكسىنا، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ھىندونېزىيەنىڭ تېز تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولى، ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ۋاقتىدا پۈتۈپ يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يەنە بىر ئابىدىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، خەلقئارا جەمئىيەت ياراشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ۋە ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن رايون تىنچلىقى، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك، دەپ قارىدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى بىرلەشمە ئاخبارات باياناتى»نى ئېلان قىلدى ھەم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى تەشەببۇسى بىلەن «يەرشارىۋى دېڭىز - ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» تەسەۋۋۇرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ھەمدە ۋاكسىنا، يېشىل تەرەققىيات، تور بىخەتەرلىكى، دېڭىز - ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جوكو ۋە رەپىقىسى ئىليانا ئۈچۈن كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزدى.
دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.