مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.07.26 10:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىسىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش يولىدا قەتئىي ماڭدى، دۆلەت قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم تەسىرىنى جارى قىلدۇردى. يېقىندا، مەن زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۆھبەت يىغىنىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، قەتئىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ