مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئالبانىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى بېگايغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.07.26 10:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بايرام بېگايغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئالبانىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالبانىيەنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى سۇپا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەن جۇڭگو - ئالبانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بېگاي بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ