مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى سىۋاب بىلەن كۆرۈشتى

2022.07.20 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-ئىيۇل كەچتە خەلق سارىيىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى 40 نەچچە يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭدى. نۆۋەتتە، دۇنيا تەرەققىياتى نۇرغۇن ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللارغا دۇچ كەلدى، لېكىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئەگرى-توقايلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو مۇنبەرنىڭ باشتىن-ئاخىر دىققەتنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى دۇنياغا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاكتىپ سىگنالىنى تارقىتىشقا پايدىلىق.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سۆزلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شىۋاب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا جۇڭگو بىلەن ياخشى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. بۈگۈنكى دۇنيا كۆپ خىل كىرىزىس، خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ