مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» قاتارلىق تۆت ئەسىرىنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى 2022 - يىللىق شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى

2022.07.22 11:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ھەمدە «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»دىن ئىبارەت تۆت ئەسىرىنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى قارىمىقىدىكى بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بىرىنچى كۈنى يېڭى كىتابلارنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  «خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىسىدىن 50 پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان. «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى» ناملىق ئەسەردە رەئىس شى جىنپىڭ بايان قىلغان 80 پارچىدىن ئارتۇق پارتىيە تارىخى ھېكايىسى ئىنچىكە تاللىنىپ، ھېكايىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك تەھلىل قىلىنغان ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن. «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، ئىزاھاتى، سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى قاتارلىق 60 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن ئېلىنغان. «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 160 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن ئېلىنغان.

  تۆت ئەسەرنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، شياڭگاڭلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى پەزىلىتى، ئىدىيەۋى جەلپ قىلىش كۈچى، ئەمەلىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشىنىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەرەققىيات مۇددىئاسى، تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

  زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ماۋ چاۋفېڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى خەلق ئىشلىرى ھەم ياشلار ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەي مېيجۈەن، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شياڭگاڭ ئەزالىرى باش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خو چىگاڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شياڭگاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالاقە ئىشخانىسى تەشۋىقات - مەدەنىيەت - تەنتەربىيە بۆلۈمى، بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. شياڭگاڭ رايونىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شياڭگاڭ ئەزالىرى باش جەمئىيىتى، جۇڭگو شياڭگاڭ تەنتەربىيە جەمئىيىتى ھەم ئولىمپىك كومىتېتى، شياڭگاڭ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ جۇڭگو كارخانىلىرى جەمئىيىتى، شياڭگاڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى، شياڭگاڭ نەشرىيات باش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى، شياڭگاڭ ئارىلى ھەر ساھە بىرلەشمىسى، شياڭگاڭ ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىق شياڭگاڭدىكى ئاساسلىق جەمئىيەتلەر ھەم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم ھەدىيە كىتاب قوبۇل قىلدى.

  تۆت ئەسەرنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى بۈگۈندىن باشلاپ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك جازىغا تىزىلىدۇ ھەمدە نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ. شياڭگاڭ ئارىلى، جيۇلۇڭ ۋە شىنجيېنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى چوڭ تىپتىكى مەھەللە، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم مەكتەپلەر ھەم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «سەييارە كۇتۇپخانا» قاتارلىق پاراۋانلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ تۆت ئەسەرنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ