مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 2022-يىللىق مەملىكەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.07.18 10:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىللىق مەملىكەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالاش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ ئادىللىقى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى بەرپا قىلدۇق. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، تېببىي دورا-سەھىيە سىستېمىسى سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى. كەڭ تېببىي خادىملار ۋە داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى ۋە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئاساسىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ رەت قىلماسلىقى كېرەك. دورا ۋە يۇقىرى قىممەتتىكى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك، مىقدارلىق سېتىۋېلىپ، باشقا جايدا داۋالىنىش، ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى، كادىرلار ئىش ھەققى، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرى ئەترىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك!

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتى ئىدىيەسى، پىرىنسىپى ۋە يولىنى چىڭىتىپ، داۋالاش، دورا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋالاش، دورا، سەھىيە ئىسلاھاتى كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگىرىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى توپلاش ۋە ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمنى سىجىل ئاشۇردى، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 2017-يىلىدىكى 76.7 ياشتىن 2021-يىلىدىكى 78.2 ياشقا ئېشىپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى. رايون داۋالاش مەركىزى، تېببىي مەركەز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىدارە قىلىش ۋە كەمتۈكلۈكلەر پەن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دورا سېتىۋېلىش، داۋالاش سۇغۇرتىسى چىقىمى، كادىرلار ئىش ھەققى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر، زور كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچىنى تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. 9-نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قاتلاممۇقاتلام شەرت قويۇش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشنى قەتئىي توسۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىپ، بالدۇر بايقاپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ئاز تەسىرگە ئۇچرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ